ئەر-ئاياللىق جىنسى تۇرمۇش بىرخىل رىتىمدە ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئەمما كۇنلوك تۇرمۇشتىكى ئوزوقلۇق ئەر كىشىنىڭ مىجەزى ۋە بەدەن ساپاسىغا قاراپ نەچچە كۇنلوك جىنسى مۇناسىۋەتكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمما ھەرگىزمۇ بىر كۇنلوك يىمەك ئىچمەك ئەرلەرنى ئىلگىركىدىن نەچچە ھەسسە كۇچتۇڭگۇر قىلىۋىتەلمەيدۇ. شۇ كۇندىكى جىنسى مۇناسىۋەتكە قاراپ بەلكىم سىز يولدىشىڭىزنى (ھورمۇنلوق دورا) يىگەندىمۇ دەپ گۇمانلىنىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا ھورمۇنلوق دورا يىگەن ئەرلەردە جىنسى تۇرمۇشتا قانداق ئەھۋاللار يۇز بىرىدۇ.
1.ئەگەر يۇقىرى ھورمۇنلوق دورا يىگەن بولسا قاننىڭ ئايلىنىشى تىزلىشىپ كۆزنىڭ ئىقىغا رۇشەن قان تولىدۇ، بۇنى بىر قاراپقا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
2. يۇرىگى ئادەتتىكىدىن تىز، ئادەتتىكىدىن كۇچلوك سوقىدۇ.
3. ئەرلەرنىڭ زەكىرى ئادەتتىكىدىن چىڭ ۋە قاتتىق بولىدۇ.
4. مۇناسىۋەت ۋاقتى ئادەتتىكىدىن نەچچە مىنۇت ھەتتا نەچچە ئون مىنۇت ئۇزاق داۋاملىشىدۇ.
5. جىنسى مۇناسىۋەت قىتىم سانى ئادەتتىكىدىن بىر ياكى ئىككە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
6. 2-3-قىتىملىق جىنسى مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئەرلەرنىڭ روھى ھالىتى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدۇ. بىرخىل يىقىمسىز ھالەتتە مۇناسىۋەتنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالدىرايدۇ.
7. سىزنىڭ ھىسياتىڭىز ۋە روھى ھالىتىڭىز بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.
8. جىنسى مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ ئەرلەرنىڭ زەكىرى يەنىلا چىڭ ھالەتنى نەچچە مىنۇت ساقلاپ قالىدۇ.
9. ئەتىسى بىر نەچچە كۇن ھارغىن يۇرىيدۇ. بۇرنى قانايدۇ ياكى بۇرۇن توشۇكلىرىدە قان ئۇيۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. ئەمما بۇخىل ھالەت ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەنگە ئىنتائىن زىيانلىق بولوپ، جىنسى تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئەرلەردە ئىغىر روھى بىسىم پەيدا قىلىدۇ، بۇخىل ئەھۋال داۋاملاشقانسىرى ئەرلەردە جىنسى ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ