بۇخىل جىنسى ئاجىزلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرى بولۇپ، ھازىرقىدەك يۇقىرى بىسىملىق خىزمەت ھالىتى، غەم ئەندىشىگە تولغان تۇرمۇش رېتىمى، خىزمەت، ئىختىزات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللا كىشىلەرنىڭ جىنسي ئىقتىدارىغا ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
1. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەم ئەندىش، بىكارچىلىق ۋە مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك بۇنداق ئىشلار روھى قۇۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
2. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسي مۇناسىۋەتنى پەقەت قىلماسلىق ياكى قىلغاندىمۇ تۇنجى قىتىملىق مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇشى بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى قېتىملىقىدا جىددىلىشىپ قورقۇپ، جىنسى پائالىيەتتىن قورقۇش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. (كىلاسىك كىتاپلاردا ئۇنتۇلۇش خاراكتىرلىك جىنسي ئاجىزلىق دەپ نام بەرگەن) بۇنىڭ بىلەن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ جىنسي ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
3. جىنسى مۇناسىۋەتتە قاتتىق ئازارغا ئۇچراش: (باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ).
4. قارشى تەرەپكە بولغان ھېسىياتى سۇسلىشش: ئايالىدىن گۇمان قىلىش، نەخمەيداندا تۇتىۋىلىش، غەمخۇرلۇق، كۆيۈنۈش، ئىلھام يىتەرلىك بولماسلىق، قوپال گەپلەرنى قىلىش، ھېسىيات ئالماشتۇرۇشتا ئوچۇق يورۇق بولماسلىق ...
5. قارشى تەرەپنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەن بولىشى: جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق مەلۇم ئىشنى ھەل قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ تازلىقى ياخشى بولماسلىق، ماسلاشماسلىق.
6. جىنسى بىلىمى يېتەرسىز بولۇش: ئۇسۇل شەكلىنى توغرا تاللىماسلىق غىدىقلىنىشنىڭ كەم بولۇشى، مۇھىتى مۇۋاپىق تاللانماسلىق، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەم بولۇش قاتارلىقلار نېرۋا خاراكتېرلىك جىنسى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كېلىنكىلىق ئىپادىسى :
ئۇشتۇمتۇت ياكى تەدرىجى جىنسى ئىقتىدار چىكىنىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا قاتتىق جىددىلىشىپ قورقۇپ، ناھايىتى تېز بوشۇشۇپ كېتىدۇ. جىنسى ھېسىياتنىڭ قوزغۇلىشى يىتەرلىك بولمايدۇ. بىمار روھسىزلىنىپ پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بىمارنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ خامۇش بولۇپ قالىدۇ. قاتتىق روھى ئازاپ چېكىدۇ. پۈتۈن بەدىنى ئورۇقلاپ زەكىرى يىگىلەيدۇ. جىنسى ئالاقىدىن لەززەت ئالالمايدۇ. بىمار يەنە ئۇنۇتقاقلىق، خىيالچان، ئويچان بولۇپ قالىدۇ. داۋاملىق پەرىشان بولۇپ يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئەھۋاللار تەرەققى قىلسا نېرۋا ئاجىزلىققا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. بۇ كېسەلنى ۋاختىدا داۋالىمىغاندا بىمارنىڭ پۈتۈن ئۆمرى غەم قايغۇ بىلەن ئۆتىدۇ ياكى ئۆلىۋېلىش خىيالىغىمۇ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى.