ئۇرۇقدان خالتىسى قىچىشىشى كۆپرەك ياشلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ سەۋەبى نىسپەتەن مۇرەككەپ بولۇپ ئىچكى سەۋەپتىنمۇ تاشقى سەۋەپتىنمۇ بولىدۇ . بەدىنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە ، ئۇزۇن مەزگىل روھى جىدىدىلىشش بولغانلاردا ، تولا جۈپ ئالماشتۇرۇپ شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرىدىغانلاردا ئوڭايلا كۆرۈلىدۇ . ئۇندىن باشقا ئاستا خاراكتىرىلىك ھەزىم سېستىما كېسەللىكلىرى ، ئىچكى ئاجراتما ،مېتابولىزىم خىزمەتلىرى نورمالسىزلاشقان كىشىلەر تاشقى سەۋەپلەرگە يولۇقسا ئوڭايلا گىرىپتار بولىدۇ . ئىچكى سەۋەبى ئاستا خراكتىرىلىك ھەزىم سىستىما كېسەللكىلىرى ، ئىچكى ئاجراتما ،مېتابولىزىم خىزمىتى ناچارلىشىش . ۋىتامىن B2 كەمچىللىكى ،باكتىرىيە خاراكتىرىلىك ئۇرۇقدان خالتىسى ياللۇغى ، نىرۋا خاراكتىرىلىك تېرە ياللۇغى ،خىلىتلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشى ، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى قاتارلىقلار بۇ ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ ياكى پەيدا بولىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ .
تاشقى سەۋەبى
(1) ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى كۇسارلارنىڭ لاھىيىلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ . ئەرلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئالاھىدە ، ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئورنى مۇھىم بولغاچقا كۇسارنىڭ ئەرلەر بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىر زور . ھەر ئەرنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى كىچىك جەھەتتىن پەرقلەنگەچكە كۇسارنىڭ لاھىيىلىنىشىنىڭ ماس بولماسلىقى دائىم ئېتىبارسىز قالىدۇ . ئەرلەر جىنسى ئىقتىدارى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى ئۇرۇقداننىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۇرۇق خالتىسى ئۇرۇقدان تېمپىراتۇرىسىنى بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىن 2-3سىلتسىيە گرادۇس تۆۋەن ساقلاش ئۈچۈن قىسقىراپ كېڭىيىدۇ . شۇڭا ئۇرۇق خالتىسى تۇتقاندا سوغۇقراق بىلىنىدۇ . ئۇرۇقدان پەقەت بەدەن تېمپىراتۇرىسىدىن 2-3سىلتسىيە بولغاندىلا ئاندىن تېستوستېرون ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىن ئەڭ ياخشى بېجىرىدۇ . تېستوستېرون ئۇرۇقنىڭ ئىشلىنىشى ،سۈپىتىنىڭ يوقىرىلىشى ھەم جىنسى ئىقتىدارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۇسارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى تەرىپى قوش قەۋەتلىك قىلىپ لاھىيىلەنگەن بولۇپ خەتنىگاھ ۋە ئۇرۇق خالتىسىنى تەڭلا ئوراپ تۇرىدۇ . بۇ ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئىسسىپ ،نەمخۇش تۇرىشىنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشسا ئۇرۇق خالتىسى ھۆل تەمرەتكىسى ، جىنسى ئاجىزلىق ، ئېغىرراقلىرىدا ئۇرۇقدان بېغىشى ۋېنالىرىنىڭ ئەگرى بۈگرىلىشى ھەم بۇ سەۋەپلىك تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ . كۇسارنىڭ لاھىيىلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ئۇرۇقدان خالتىسى ھۆل تەمرەتكىسى ھەم ئۇرۇقدان خالتىسى قىچىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر .
(2) تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە نەم مۇھىتتا تۇرۇش ، ھاۋانىڭ نەملىكى يوقىرى بولۇش .
(3) سىرتقى غىدىقلىنىش ، بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسق ، تەر كۆپ چىقىش ، بەك كۈچۈپ قاشلاش .
(4) غەيرى نەرسىلەرگە سۈركىلىش ،خمىيىلىك تالالىق كۇسارنى كېيىش . داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سەۋەپكە قارىتا ئامال قىلىنىدۇ . باكتىرىيە سەۋەپلىك بولسا باكتىرىيىگە قارشى دورىلار ئىشتىمال قىلىنىدۇ . ۋىتامىن B2 كەم بولسا تابلىتىنى ئىچىپ تولۇقلىنىدۇ . نورمالسىزلاشقان خىلىتلارغا قارىتا ئامال قىلىنىدۇ . تاشقى سەۋەپكە قارىتا سەۋەپچى ئامىلدىن يىراق قىلىنىدۇ . كۇسارنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىرىنى تاللاپ كىيىدۇ . مۇناسىپ سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ .